باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1-قېتىملىق يىغىن ئاچتى

2013.03.04 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ دېجياڭ 4-مارت ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى. ليۇ يۈنشەن، لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈەنچىلەرمۇ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق يىغىن ئاچتى. يىغىنغا 178 ئادەم قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئىدى، ئەمەلىيەتتە 173 ئادەم قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالما قائىدىسىگە ئاساسەن، يىغىندا ئالدى بىلەن 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى. ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىچە: ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى تەشكىللەش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش؛ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلار ھەققىدە، ھەيئەت رىياسىتىگە تەكلىپ بەرسە ھەم يىغىن كۈنتەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى زۆرۈر تەڭشىسە بولىدۇ؛ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، تەكلىپ ۋە ئالاقىدار دوكلاتلار ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئاڭلاپ مۇزاكىرە قىلسا ھەم مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە پىكرىنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلسا بولىدۇ؛ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى سايلىغان ئالاقىدار ۋەكىللەرنى يىغىپ، مۇھىم مەخسۇس مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسا، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ئەھۋاللار ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلسا بولىدۇ. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ۋۇ باڭگو ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ھەر قايسى دائىمىي رەئىسلىرىنى رەئىس سەھنىسىگە كېلىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، ۋۇ باڭگو ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئارقىدىن، ۋۇ باڭگو ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاڭ دېجياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا دائىمىي كومىتېت يىغىن زالىدىن چىقتى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  ئارقىدىن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا، جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، بۇ قېتىمقى يىغىن 12 يېرىم كۈن داۋاملىشىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالما قائىدىسىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ئەزالار ھەر قېتىملىق يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ۋاڭ ۋەنبىن، جاۋ شېڭشۈەن، شېن يۆيۆ، جياۋ خۇەنچىڭ، فۇيىڭنىڭ يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، فۇيىڭنىڭ قوشۇمچە يىغىننىڭ باياناتچىسى بولۇشى قارار قىلىندى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇش تەكلىپى چارىسى قارار قىلىندى؛ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلاش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش چارىسى لايىھەسى قارار قىلىندى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزا نامزاتلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسى قارار قىلىنىپ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالما قائىدىسىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىن مەزگىلىدە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتىنى قاراپ چىقىدۇ، بۇ 5-مارت چۈشتىن بۇرۇنقى 1-ئومۇمىي يىغىندا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە مۇنۇلار قارار قىلىندى: 11-مارت سائەت 12 دە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتى توشىدۇ. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلات قانۇنى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قارالما قائىدىسىگە ئاساسەن، ھەر بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياكى 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىكتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى تەكلىپلەرنى سۇنسا بولىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەم ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى بېرىپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}