باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ شېڭشيەن: تۇمانلىق ھاۋا رايىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ

2013.03.05 11:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:بۇ يىل 1-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ،شەرقىي رايونىنى كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەمدە تۇمان قاپلىدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلغاندىن بۇيان، گۇاڭشى لوچېڭ مۇلاۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ۋەكىل يىن باڭكې، شاڭخەي دېلىشى گۇرۇھى تىرانسفورماتور ياساش شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى، سېخ مۇدىرى ۋەكىل جۇ جېنبو، گومىنداڭ ئىنقىلابى كومىتېتى شىنجىن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شېنجېن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەزا جاڭ شياۋيۈ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى جۇ شېڭشيەندىن ئايرىم ئايرىم بۇلغىنىش قانداق؟ تۈزەشنى قانداق باھالاش كېرەك ، دەپ سورىدى.

  جۇ شېڭشيەن ۋەكىل يىن باڭكېنىڭ تۇمانلىق ھاۋا رايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش جەھەتتە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: تۇمانلىق ھاۋا رايى نۆۋەتتە ئېلىمىز ئاتموسفېراسى بۇلغىنىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلە.

  ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش قانۇنىدا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش نازارەت، يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ماسلاشتۇرۇدۇ.

  جۇ شېڭشيەن ۋەكىل جۇ جېنبونىڭ يېڭى ئۆلچەمنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قەرەلىدە يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى قايسى خىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- يانۋاردىن باشلاپ ئېلىمىزدىكى 74 شەھەردىكى دۆلەت تىزگىنلەيدىغان 496 ھاۋا سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئورنى مەشغۇلاتنى يېڭى ئۆلچەم بويىچە قىلدى ھەمدە PM2.5 قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى تەكشۈردى. 2016-يىلىغىچە يېڭى مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  جۇشېڭشيەن ئەزا جوڭ شياۋيۈنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىكى بىر نەچچە قېتىملىق تۇمانلىق ھاۋا رايىدا مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە بىر قانچە شەھەر ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى يولغا قويدى. سىز بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى كۆپ قىسىم رايونلار ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا ئىجابىي، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغان بولسىمۇ،لېكىن قىسمەن مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك. كېيىنكى باسقۇچتا مىنىستىرلىقىمىز ھاۋاسى ئېغىر بۇلغانغان نۇقتىلىق شەھەرلەرنى ھاۋا بۇلغىنىشقا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ھەمدە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ھۆججەت شەكلىدىن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىغا ئايلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە