باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرما مۇسۇلمانلىرى دېڭىزدا 25 كۈن قاپسىلىپ قالدى

2013.03.04 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران presstv تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسىنىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 130 مۇسۇلمان بىرمىدىكى توپىلاڭدىن قېچىپ پاراخوت ئارقىلىق مالايسىياغا ماڭغان، ئەمما ئۇلار دېڭىز ئۈستىدە 25 كۈن قاپسىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك 97 ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، پەقەت 33 ئادەملەر قۇتقۇزۇشقا ئېرىشكەن.

  دوكلاتتا دېيىلىشچە، ھايات قالغان 33 ئادەمنىڭ 33 ئەر، بىرسى ئايال ئىكەن، ئۇلار ئالدىنقى ھەپتە سېرلانكا دېڭىز قىرغىقىدا قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار تايلاند ئارمىيەسىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، پاراخوت ئارقىلىق قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما ئەڭ ئىچىنارلىقى شۇكى پاراخوتتا يېمەكلىك بولمىغان شارائىت ئاستىدا، ئۇلار دېڭىز ئۈستىدە 25 كۈن لەيلەپ يەرگەن. سېرلانكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇتۇلدۇرۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا، پاراخۇت ئاللىقاچان چۆكۈشكە باشلىغان. قۇتقۇزۇشقا ئېرىشكەنلەر زور دەرىجىدە سۇ سىراپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار سىرلانكىنىڭ پايتەختى كۇئالالامپوردىكى كۆچمەنلەر مەركىزىگە كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  بىر نەپەر ھايات قالغۇچى:«سەپەر ناھايىتى مۇشەققەتلىك، ئەمما بىزگە باشقا ئامال يوق. چۈنكى بىز ھاياتىمىزنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىدۇق، خىزمىتىمىز يوق ھەمدە بىرما ئىچىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشمىدى» دېگەن. ھايات قالغۇچى يەنە پاراخوت يولغا چىققاندا 130 ئادەم بار بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى تەخمىنەن 465 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2897 يۈەن خەلق پۇلى) خەجلىگەنلىكىنى ھەمدە 10-يانۋار سەپەرنى باشلىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىشقا قارىتا تايلاند دېڭىز ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنى دېڭىز ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىۋاتقان مۇسۇلمانلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تايلاند تەرەپنىڭ ئۇلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

  ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بېرما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سالاھيىتىنى رەت قىلغان ھەمدە 800 مىڭ ئادەمنى بېنگالدىن كەلگەن «قانۇنسىز كۆچمەن» دېگەن.

  لوشىنيا مۇسۇلمانلىرى بولسا بېرمىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان قەۋىمى بولۇپ، ئاساسلىق بېرمىنىڭ شىمالىي قىسىمغا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون ئادەمگە يېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشچە، ئۇلار «غەرب» تىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان ئۈنىۋېرسال (ئافغانىستان، تۈركىيە، ئەرەب مۇسۇلمانلىرى، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى) قەۋىم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە