باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كىچىكلىكى ئۆتكۈزۈلدى

2013.03.05 11:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:«گۈزەللىك سىز بىلەن بىللە» 2013-يىللىق 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كىچىكلىكى تۈنۈگۈن كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چىن جىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەمدە سەمىمىي ھال سورىدى.

  ئۇ ئاياللارنىڭ يېڭى بىر يىلدا، جاسارەتلىك ياراملىق بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان« جۇڭگو ئارزۇسى»غا ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كېچىلىكتە يەنە 2012-يىللىق مەملىكەتلىك 8-مارت ئاياللار قىزىل بايراقدارى، مەملىكەت بويىچە شەھەر يېزىلاردىكى ئىش ئورۇنىدا تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر، مەملىكەتلىك ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى.

  «گۈزەللىك سىز بىلەن بىللە» 2013-يىللىق 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكى 8-مارت كەچ سائەت 8دە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە