باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر شىنجاڭدا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇماندارىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا چۈشتى

2013.03.06 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-مارت، چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك زەھەر چەكلەش تارماقلىرى قۇرۇقلۇق، بوشلۇق، پوچتا يوللىرى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق سترولۇق چەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىشىپ زەربە بېرىپ، بىر يىلدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1929 قېتىم زەھەر دېلوسىنى پاش قىلىپ، 2000 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى شىنجاڭدا زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇقى بار بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى %30.91كە يېتىدىكەن. بۇ يىل ئېلىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكى ياخشىلانغان كىشىلەرنى ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسى، كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، زەھەر تاشلاش ئورنىدىن چىققانلارنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارغا قارىتا تۈرلۈك باج ـ ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇۋاپىق تۈردە تولۇقلىما بېرىشكە كۈچ چىقىرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە