باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى ئايال خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس يىغىنى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2013.03.06 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۈمە كۈنى يەنى «8-مارت» كۈنىدە شىنجاڭدىكى تۇنجى ئايال خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس يىغىنى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، 60 تىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورنى ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلار، خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار، باشقا ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، كاتىپ، بوغالتىر، پىلانلىغۇچى، ئامبار باشقۇرغۇچى، بازار تىجارەتچىسى، پركازچىك، مال سېتىۋېلىش يېتەكچىسى ۋە دورىگەرلىك ۋەكىلى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرغۇچى، ئارقا سەپ كاپالەتچىسى، سېتىش تىجارەتچىسى، ئوقۇتقۇچىلىق قاتارلىق ئىككى مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %80 تىن ئارتۇق خىزمەت ئاياللارغا ماس كېلىدىكەن.

  ئاياللار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس يىغىنىنىڭ ئوبيېكتلىرى نۆۋەتتىكى ئالىي تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ۋە پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، كەسپ جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر جەمئىيەتتىكى ئىشسىزلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە