باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى فاتىمە مەھمۇتنىڭ «8 مىنۇتلۇق ئارزۇسى»

2013.03.06 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغان 5 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەزەلدىن سۇسلاپ باقمىغان.

  4-مارت، شىنجاڭلىق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى فاتىمە : «مەن سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ سۆز قىلىش ئورنىدا تۇرۇپ، 8 مىنۇت سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەمدە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئۆز پىكىرىم ۋە تەكلىپىمنى ئېيتىمەن» دېدى.

  فاتىمە مەھمۇد مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، قابىلىيەتلىك ئادۋۇكات، ئۆزبەك مىللىتىدىن، شۇڭا ئۇ ناھايىتى تېزلا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان «چولپان ئەزا» غا ئايلىنىپ، ئاممىغا تونۇلدى.

  فاتىمە مەھمۇد بۇنىڭغا ئانچە ئېتىۋار بېرىپ كەتمىسىمۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭ «8 مىنۇتلۇق ئارزۇسى»نى ئۇنتۇپ قالمىدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن مۇشۇ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ، بىر قانچە قېتىم ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. بۇ ئازراق ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما فاتىمەنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىىسىنى ئادا قىلىشىدا نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار بار: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈزگەن «دۆلەت ئىشلىرى تەكلىپنامىسى»غا فاتىمە مەھمۇد ئوتتۇرىغا قويغان 10 تۈرلۈك تەكلىپ كىرگۈزۈلگەن، يەنە بىر تەكلىپى 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇنەۋۋەر تەكلىپى بولۇپ باھالانغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن تەكلىپلەر، مەسىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېتىبار بېرىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى قوش تىللىق ئادۋوكاتلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، بۇلار فاتىمەنى ناھايىتى خۇشال قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}