باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئەڭ چوڭ ۋەكىل›› ۋە ‹‹ئەڭ كىچىك ۋەكىل››نىڭ ئىككى يىغىن ھېسىياتى

2013.03.06 09:20         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھوشۇر ئىسلام ئاكا بىلەن رەيھانگۈل ئىمىر پىكىر ئالماشتۇرماقتا

  ئۆز مۇخبىرىمىز . 2013-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ، بىر چوڭ ۋە بىر كىچىك ۋەكىل ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى .

  بىرى ، 1989-يىلى تۇغۇلغان ، بۇ يىل ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر قىزى ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋەكىلى ، شۇنداقلا يېشى ئەڭ كىچىك ۋەكىل ـــ رەيھانگۈل ئىمىر ؛ يەنە بىرى ، 70 ياشلىق پېشقەدەم پىروفېسسور، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى-قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ۋەكىل .

  4-مارت ، ھوشۇر ئىسلام ئاكىنىڭ ياتىقىغا كىرگىنىمدە ، زېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ پېشقەدەم پىروفېسسور چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېردا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى رەتلەۋاتقانىكەن . ئۇ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ نۇرغۇن نۇقتىلىق تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان 20 دىن كۆپ ئوقۇغۇچىغا دەرس بېرىۋاتقان بولۇپ ، ۋاقتىنىڭ ئالدىراشلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىدى .

  ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن زىممەمدىكى ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش بىر خىل شەرەپ ، شۇنداقلا بىر خىل مەسئۇلىيەت ، مەن چوقۇم مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ ، ئەڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاۋازىنى ئىككى يىغىنغا يەتكۈزىمەن . مەن ئوتتۇرىغا قويىدىغان شىنجاڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى تەكلىپىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ›› دېدى ئۇ ماڭا .

  ھوشۇر ئىسلام بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنىمدا ، ئىشىك چېكىلىپ ، مىللىيچە كىيىنىۋالغان رەيھانگۈل كىرىپ كەلدى ، ئۇ كۈلۈپلا تۇرىدىغان بىر قىز بولۇپ ، مەن بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ، ھوشۇر ئاكىدىن تەكلىپ-پىكىر ھەققىدە تەجرىبە-ساۋاق ئۆگەنگىلى كىرگەنلىكىنى ئېيتتى .

  رەيھانگۈل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيە ئۈجمە يېزا ئاماش كەنتىدىن بولۇپ ، بىر ئاددىي دېھقان قىزى . 2007-يىلى مايدا ، ئاقتۇ ناھىيەسى يېزا ياشلىرىنى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا رىغبەتلەندۈرگەندە ، ئۇ تۇنجى تۈركۈمدە جېجياڭنىڭ سىشى شەھىرىگە ئىشلىگىلى كەلگەن . كېيىنكى تۆت يىل جەريانىدا ، ئۇ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە خىزمەت ئورنىدىكى ماھىرغا ئايلىنىپلا قالماي ، يەنە يۇرتىدىكى ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ، يۇرتداشلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىدىكى يېتەكچىگە ئايلانغان . 2011-يىلى ، ئۇ يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن ، ئۆزى ئىشلەپ تاپقان 5000 يۈەنگە كەنت يولىغا چىراغ ئورنىتىپ بەرگەن .

  ‹‹ئۆزەمنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم ، ماتېرىيال كۆردۈم ، يۇرتداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى توپلىدىم . ھازىر سىياسەت بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى ، نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى ، بىراق ، يىراق تاغلىق رايونلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىمۇ ئاشۇنداق كەڭ-كۇشادە ، بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش ئارزۇسى بار ، مەن دەل يۇرتداشلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى تەكلىپ سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدىم ، مەن يىراق تاغلىق رايونلارغا سېلىنىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيلەرنىڭ سانىنى ھەم بۇنىڭغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلنى كۆپەيتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. بۇنىڭدىن باشقا ، مەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىمەن ›› دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە