باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>خەلق قۇرۇلتىيى خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش بوشلۇقىنى يەنىلا چوڭايتىشقا توغرا كېلىدۇ

2013.03.05 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  60 ياشقا تولغان كۈنىنى كۈتۈۋالىغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان فۇ يىڭ 4-مارت جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. دىپلومات ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بۇ ئايال جۇڭگونىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى. ئۇنىڭ تەبەسسۇمى ۋە كۈمۈشتەك ئاق چاچلىرى تىپىك ئالاھىدىلىككە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايال ئىكەنلىكى تېخىمۇ بەك تىپىك خاراكتېرگە ئىگە ئىدى.

  يېڭى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ئومۇمىي سانى 2987 ، ئايال ۋەكىل 699 بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتنىڭكىدىن 62 ئادەم كۆپ. كۆزەتكۈچىلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى، فۇ يىڭ جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش جەھەتتىكى بىر ئۇتۇقلۇق مىسال، ئەمما 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو ئاياللىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش بوشلۇقىنى يەنىلا چوڭايتىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}