باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندىكى يېڭى ئۆزگۈرۈش

2013.03.06 16:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىمىقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مۇخبىرلار مۇخبىرلىق كېشىنىشكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتىدا ئۇلارغا يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ماتېرىيال تارقىتىپ بېرىلمىدى. مۇخبىرىلار پەقەت كېنىشكە بىلەن بىللە بېرىلگەن مەخسۇس تور بېكەت ئادرېىسى ۋە ئۇنىڭ مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇرغۇنلىغان يىغىن قىسقا خەۋەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىلگىرى يىللاردىكىگە ئوخشاش مەخسۇس نۇسخىلاپ كۆپەيتىپ بېسىپ چىقىرىپ مۇخبىرلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىش ئىشلىرىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولاتتى. بۇئارقىلىق بىرسى ئىش ھالقىلىرىنى ئازايتىشقا ۋە مۇخبىرلارنىڭ پايدىلىنىشغا تېخمۇ قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بېڭتۈەنىنىڭ مۇخبىرى يېڭ شۆجىن مۇنداق دىدى: «ئېلېكتېرونلۇق ئۇچۇردىن پايدىلىنىش ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدە بارغانسىرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مۇخبىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ شەكىلىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىنىشىمىز ۋە كېڭەيتىشىمىز كېرەك».

  بۇ قېتىم يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ئەزالارغىمۇ نۇسخىلاپ چىقارغان ماتىرىيال تارقىتىپ بېرىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار تور ئارقىلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ماتېرىيالغا ئېرىشەلەيدىكەن. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يىغىن قىسىقا خەۋىرى، چوڭ يىغىندا سۆزلىنىدىغان تېمىلارنىڭ نۇسخىلاپ بسىپ چىقىرىلماي مۇناسىۋەتلىك تور ئارقىلىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردىنلا تەخمىنەن 2مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. بۇ يىغىن مەزگىلىدىكى يىغىن ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرنىڭ بىرى. بۇ بىر نەچچە كۈندە ئەزالار ۋە ۋەكىلەرنى كۈتىۋىلىش شەكىللىرىدىمۇ بەزى يېڭىلىقلار بولدى. ئەزالار، ۋەكىللەرنى ئۇلار تۈرۇشلۇق ئورنىغا ئەكىلىشتە ھېچ قانداق قاتناش ساقچى ماشىنىسى يول ئېچىپ، قاتناشنى قامال قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى. ئۇلار ئاھالىرىنىڭ تۇرمۇش ماشىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە مېڭىپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا كەلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خۇجىبىڭ مۇنداق دىدى: «مەيلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولسۇن ياكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولسۇن ئۇلار ھەممىسى خەلقىنىڭ ۋەكىلى، خەلقنىڭ ئەزاسى مېنىڭچە بىز ئۆزىمىزگە تەمەننا قويماسلىقىمىز، ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى تاما قىلماسلىقىمىزكېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}