باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ: ئۆتكەن بەش يىلدا ئېلىمىز ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى

2013.03.06 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:باش مىنسىتىر ۋېن جياباۋ 5-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل ئىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. ئىلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىز 11-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تولۇق ئورۇنلاپ، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتۇق.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزراق راۋاجلىنىشىنى ساقلاپ قالدۇق. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 51 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ جامائەت مالىيە كىرىمى 5 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 11 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە يىللىق ساپ كىرىمى %8.8، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە يىللىق ساپ كىرىمى %9.9 ئاشتى؛ ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا توققۇز يىل ئېشىشى ئەمەلگە ئاشتى؛ مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئوچۇق ئىگىلىك يېڭى سەۋىيەگە يەتتى؛ ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، ئادەملىك چوڭقۇر چۆكمە، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، سۇپېر كومپيۇتېر، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتارلىق جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. تۇنجى ئاۋىياماتكا-«لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا سەپكە كىردى؛ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛ ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە قاتتىق يەر تەۋرەش، يۈشۇدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش، جۇۋچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ تاغ كەلكۈنى، لاتقا-شېغىللىق ئېقىنى قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى قولغا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}