باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چېقىشىغا قاتناشتى

2013.03.06 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چېقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۈرۈشلۈك شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چېقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەشتەك خىزمەت ئاساسى روھىنى مەھكەم ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى قەتئىي بوشاشماستىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خىزمەتنىڭ ئاساسى نۇقتىسىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى زورايتىشقا قارىتىش كېرەك.

  شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر قىزغىن كەيپىياتتا، بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشتى. ياڭ شيۇڭ، يىڭ يۇڭ، شۈ شاۋپىڭ، شۈ لىن، ساۋ كىفەن، خۇاڭ دىنەن قاتارلىق ۋەكىللەر دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پۇدۇڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھات سىنىقىنى تېزلىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار بازىسى قۇرۇش، شەھەر مەدەنىيەت رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرلىدى ھەمدە پات پات ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەردە چوڭقۇر مۇھاكىمە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلىدى، بەش يىلدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەت شۇنداقلا شاڭخەينىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۆتكەن بەش يىلدا بىز ئاددىي بولمىغان تىرىشچانلىق، ئاددىي بولمىغان نەتىجىلەر بىلەن ئاددىي بولمىغان يىللارنى ئۆتكۈزدۇق. مەن شاڭخەيدىكى يولداشلارنىڭ مەۋقەنى ئومۇملۇققا قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە، شاڭخەي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىلمىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىسى، ئىلمىي تەرەققىياتتىكى باشلامچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆزلۈك تەرەققىياتتىكى چەكلىمىنى بۆسۈپ تاشلاپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى- يېڭىلىق يارىتىشتا، ئاچقۇچى ئىلمىي تەرەققىياتقا تايىنىشتا. يەر شارى نەزەر دائىرىسىنى پىلانلاپ ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئەۋزەل ساھەلار، ھالقىلىق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يادرولۇق تېخنىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىگە كىردى. جاپا چېكىشكە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، بازار قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىشتەك زور ئەۋزەللىك بىلەن تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى پىلانلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ، ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي، چوڭقۇر، تەپسىلىي ئىشلەپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}