باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2013.03.06 10:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن لىيۇ يۈنشەن، لى جيەنگو، ۋاڭ شىڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈەنچى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى كېچياڭ، يۈ جىڭشىڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرگە رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2987 بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قاتناشقىنى 2969، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، جاڭ دېجياڭ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئىچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن، كۆپچىلىك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ دۆلەت شىئېرىنى ئېيتتى.

  ۋېن جياباۋ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، دوكلات: 1. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ئەسلىمىسى؛ 2. بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان ۋە ماكرولۇق ئىگىلىك سىياسىتى؛ 3. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈندى.

  دوكلاتتا ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 51 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئوتتۇق؛ بىز11- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تولۇق ئورۇنلاپ، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانغا ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق.

  ۋېن جياباۋ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار ئىشلىرىنى قىلچىمۇ بوشاشماستىن چىڭ تۇتۇش خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلىدى.

  ۋېن جياباۋ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتدا كۆپلىگەن زىددىيەتلەرنىڭ ۋە مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇق. بىز دۆلەت ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە، تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3.5 بولۇش؛ شەھەر يېزا ئاھالىلىرىدىن 9 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاش، شەھەر بازارلاردا تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.6 دىن چۈشۈرۈش؛ شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئوتتۇرچە كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىشنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى قەدىمى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش، ئەمگەك ھەققىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئەگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭلەشتۈرۈش، خەلقئارا كېرىم چىقىم ئەھۋالىنى يەنىمۇ ياخشىلاشتىن ئىبارەت.

  ۋېن جياباۋ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى تەخمىنەن%4 لىك نىشانىنى بۇ يىل %3.5 ئەتراپىغا تەڭشەش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: مۇھىم تۈرلەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئوبوروتنى جانلاندۇرۇش، مال ئوبوروتىنىڭ تەن نەرخىنى تۆۋەنلىتىش، بازار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

  دوكلاتتا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتى توغرىسىدا تۆت جەھەتتە تەكلىپ بېرىلدى.

  1. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. 2. يېزا ئىگىلىك، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ، شەھەر يېزا تەرەققىياتىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش. ۋېن جياباۋ ئالاھىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەر بازارلاشتۇرۇش ئىلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشدىكى تارىخى ۋەزىپىسى بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 3. خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ۋېن جياباۋ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ياخشىلاش جەھەتتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى داۋاملىق %10 ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەر يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ۋە ئېتىبار بېرىلىدىغان ئوبيېكتىلارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىمۇ يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلار مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە بالىلارنىڭ كۈتۈنۈش ئورگان قۇرۇلۇشىنى قوللاش كۈچى زورايتىلىدۇ.

  ۋېن جياباۋ داۋالاش دورىگەرلىك سەھىيە ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ تېببىي ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە كېسەللەرگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە بالىلارنىڭ ئاق قان دانچىلىرى كېسىلى قاتارلىق 20 خىل ئېغىر كېسەلنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش سىناق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇ يىل يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش ۋە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا 240 يۈەندىن 280يۈەنگە، ئوتتۇرچە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت راسخوت راسخوت ئۆلچىمى 25 يۈەندىن 30 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇرالغۇ ئۆي بازارلىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش ۋە كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئوي قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. بۇ يىل شەھەر بازارلارنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي ئاساسىي قۇرۇلۇشىدا 4 مىليون 700 يۈرۈش ئۆي پۈتتۈرۈلىدۇ، يېڭىدىن 6 مىليون 300 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنىدۇ، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەر داۋاملىق ئۆزگەرتىلىدۇ.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتە ئىلىمىزنىڭ يىللىق مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ راسخوت چىقىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بۇندىن كىيىن يەنە داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ، بۇ پۇلنى ياخشى ئىشلىتىپ، خەلقنى رازى قىلىش كېرەك.

  دوكلاتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان 4. تەكلىپتە تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك دېيىلدى.ۋېن جياباۋ يەنە مىللىي، دىن، مۇھاجىرلار خىزمىتى، دۆلەت موداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇناسىۋىتى، ئىلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى شەرھلىدى.

  باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ 100 مىنۇتغا يېقىن داۋاملاشقان دوكلاتى پۈتكۈل يىغىن زالىدا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىنغا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 2012-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 2012-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2013-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش ئۈچۈن بېسىپ تارقىتىپ بېرىلدى.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى1-يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى نامزاتلىرى توغرىسىدىكى ئاۋاز بېرىش چارىسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}