باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.06 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىن رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى .

  ئۇ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمسىىگە ۋاكالىتەن بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى سىڭدۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۈمىدى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ، كىشىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان ياخشى دوكلات بولدى.

  يۈ جېڭشېڭ خۇبېينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خۇ بېينىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي تېما ۋە ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئوتتۇرا غەربى رايوندا ئالدى بىلەن ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش- بىز باشتىن-ئاخىر دۇچ كېلىدىغان جاپالىق ۋەزىپە. 18-قۇرۇلتايدا مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى:سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا خىزمىتىنى يەنىمۇ ئوبدان ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. يېزا خىزمىتى ناھىيە ئىقتىسادى ۋە شەھەر بازار ئىقتىسادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ناھىيە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يېڭىچە دېھقانلارنى تەربىيەلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پائال، مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلانلاش، يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرمەي، يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆچمە نوپۇسنى شەھەر خەلقىگە ئايلاندۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇبېي پەن تېخنىكا ۋە مائارىپتىكى چوڭ ئۆلكە، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى پۇختا، يوشۇرۇن كۈچى زور. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يېشىل ئېنېرگىيە، سىفىرلىق مۇلازىمەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان كەسپىي ئىسلاھات داۋامىدا ئالدىدا مېڭىپ، كارخانىلار يېتەكچى قىلىنغان كەسپىي تېخنىكا تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ، پەن-تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك رىقابەت ئىقتىدارى ۋە كەسپىلەرنىڭ خېيىم –خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}