باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنسىتىتۇتى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە سىنىپ ئاچىدىكەن

2013.03.06 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن بىر ياخشى خەۋەر كەلدى، شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئەدەبىيات تالانتلىقلىرىنى تەربىيلەش سالمىقى يىلسېرى كۈچيىپ، بۇ يىل ئالتىنچى ئايدا، لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۈرۈمچىدە 25 كۈنلۈك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىش بىلەن بىرگە يەنە بىر قاتار تەربىيەلەش پائالىيەتلرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تالانتلىقلارنى تەرببيەلەش يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات جەھەتتە تالانتى بارلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايون ئەدەبىيات تالانتلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئىشلىرىغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى. شىنجاڭ يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ھەيئەت رىياسىتى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، يىللىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى بەلگىلىدى. بىر يىل ئىچىدە، 300دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئەدەبىيات ساھەسىدە خىزمەت قىلغۇچىلار ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرشىتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كۇرسانتلار ئىچكىرىگە بېرىپ سىستېمىلىق تەربىيەلەندى. بۇلتۇر 5-ئايدا، 12 نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچى شاڭخەي يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىجادىيەت گورۇپپىسىغا ئەۋەتىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرستىگە ئېرىشتى. بولتۇر 7-ئايدا، يەنە 41 نەپەر ھەر مىللەت يازغۇچىسى لۇشۈن ئىنىستىتۇتىدا 23 كۈنلۈك ئۆگىنىشكە قاتناشتى. بولتۇر 10-ئايدا، 32 نەپەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش يازغۇچىلىرى خۇنەن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە