باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەلدىكى زاتلار جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىغا دىققەت قىلماقتا

2013.03.05 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ئىككى يىغىن ئېچىلىشقا باشلىدى، چەتئەللىك زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ قارالمىسىدا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش ياساشنى تېزلىتىپ، خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىپادىلەندى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياكوۋ بېگىر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىسلاھاتىنى ۋە بۇندىن بۇرۇنقى ئىسلاھاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا نەتىجىسى قېلىشمايدۇ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىكى يېڭى تەدبىرلەر دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئامېرىكا پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى جۇڭگو تۈرىنىڭ مەسئۇلى نىكۇلاس بوسىت مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، بۇ ياخشى سىگنال.

  كۇبا جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى جوسې لۇيىس لوبەينا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك زور ئىقتىسادى، سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەجرىبىسىنى توپلىدى، مېنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىغا بولغان ئىشەنچىم كامىل.

  گېرمانىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى «تۈپ قىممەت كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى توماس مېيېر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېشىل ئىقتىسادتا ئۆزگىرىش ياساشنى تاماملىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇ: جۇڭگونىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى بار دەپ تەكىتلىدى.

  كورىيە ھازىرقى زامان ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى خەن زەيجېن مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى مۇقىم ئالغا يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}