باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 98-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى

2013.03.04 17:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 98-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  3-مارت چۈشتىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىن ئېچىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلىرى ئىسىملىكى لايىھەسى، قارالما لايىھەسىنى قاراپ چىقتى.

  4-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىۋى ۋاڭ ۋەنبىننىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى شۇنداقلا باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھىسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىسىملىك لايىھەسىنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرىنچى يىغىنى تەييارلىق يىغىنى سايلىمىغا سۇنۇش قارار قىلىندى، يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل رەئىسلەر نامزاتى ئۇقتۇرۇلدى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنى بىرىنچى يىغىن سايلىمىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ۋاڭ ۋەنبىننىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرىنچى يىغىنى قارالمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قارالما لايىھەسىنى يىغىننىڭ تەييارلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى، يىغىندا يەنە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنى ئىجرائىيە رەئىسىلىرىنىڭ گۇرۇپپىلار ئارا ئىسىملىك لايىھەسى ئۇقتۇرۇلدى.

  4-مارت ئېچىلغان كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم كۈندۈلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  2008-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى، 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنڭ 1-،2-ئومۇمىي يىغىنى روھى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجىدارلىقى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملىقى زىچ چۆرىدەلگەن ھالدا ھوقۇق يۈرگۈزۈلۈپ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}