باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا دىققەت قىلدى

2013.03.06 11:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 5-مارت بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. باش مىنستىر ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ھەر قايسى تاراتقۇلار ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى.

  رىيتىر ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋېن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا 2013-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادى خەرىتىسى ئىخچام سۈرەتلەپ بېرىلدى. خەۋەرنىڭ بېشىدىلا جۇڭگونىڭ كۆزلىمە نىشانىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش ئېكەنلىگى تىلغا ئېلىندى. بۇ يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىنى ساغلام مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋىن جياباۋ پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىن جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلىمەيدىغانلىقىنى، بەلكى تەرەققىيات ئالدىن ھوقۇقىنى خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە قارىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دوكلاتتا بايلىق تېجەش، مۇھىت ئاسراش، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەندى.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋېن جياباۋ مۇقىم ئاشۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى زورايتىش، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ماقالىدە ۋېن جياباۋ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، «ۋول كوچىسى گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارمۇ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ۋېن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى ۋە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى خەۋەر قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}