باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى (2)

2013.03.03 14:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى ۋەكىل رىزۋانگۈل جامال ئاساسىي قاتلامدىكى پەن - تېخنكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇلارنى قوللاش سالمىنىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا يىغىندا كۆپرەك توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ئۇ مۇندا دىدى: مەن بىر ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشىم، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندىم ھەمدە مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى پەن-تېىخنىكا خادىملىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، پەن-تېخنىكىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تېخىمۇ ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ ئەكەلدىم.

  قارامايدىن كەلگەن يېڭى ۋەكىل خالىدە ئابدۇقادىر قارامايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرنەچچە تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دىدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشىم. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. مەن چوقۇم ئۆزەمنىڭ ۋەكىللىك بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىپ، قارامايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈپ، ئۆزەمنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن. مەن بۇ قېتىمق يىغىنغا دۆلەتنىڭ قاراماي شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ۋە شەھەر ئىقتىسادىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ ئېلىپ كەلدى.

  يېڭى ۋەكىل مۇختەبەر سادىق مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشىم، مەن 2010-يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچى بولۇپ سايلانغاندا بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىپ شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم، بۇ قېتىم ۋەكىل بولۇپ سايلىنىپ تېخىمۇ ھاياجانلاندىم . مەن يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن يىغىن روھىدىن ئىلھام ئېلىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە