باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىنىس پەرقى نىسبىتى ئۇدا 4 يىل چۈشتى

ئەمما قىزىل سىزىقتىن يەنىلا 10 نەچچە پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى

2013.03.05 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىر تۈنۈگۈن دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىگەن: ئېلىمىزدە تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ جىنىس پەرقى نىسبىتى 30 نەچچە يىل ئۇدا زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەلگەن، 2009-يىلدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل تۆۋەنلىگەن.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2012-يىل ئېلىمىزدە تۇغۇلغان نۇپۇسنىڭ جىنىس پەرقى نىسبىتى 117.7 گە چۈشكەن، بۇ ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ جىنىس ئايرىمىسى نىسبىتى تەڭپۇڭسىزلىشىش يۈزلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان ئۇنىۋېرسال تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. نۆۋەتتە جىنىس ئايرىمىسى نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ، قىزىل سىزىقتىن 10 نەچچە پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە