باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ۋەكىللەر خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدا پىكىرلەشتى

2013.03.06 14:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان 3-يىلنىڭ بېشى ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە خۇشاللىقلار تولىمۇ كۆپ . نۇرغۇنلىغان ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ سەمىمىي يۈرەك سۆزلىرىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىشنى خالايدۇ . خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ، ياخشى سىياسەتلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولغۇسى .

  2013-يىلى 6-مارت ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ باھاردا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ ، ھەقىقىي ئىشلەپ ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ›› يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى باشلاندى . يىغىندا 2013-يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تۈر پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . بۇ تۈرلەر25 ساھەگە چېتىلىدىغان 100 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىيىم-كېچەك ، يېمەك-ئىچمەك ، تۇرالغۇ ئۆي ، يول يۈرۈش ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ، داۋالىنىش ، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ . داۋاملىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلەردىن باشقا ، يەنە 18 تۈر يېڭىدىن قوشۇلدى ، بۇ ، 13 ۋىلايەت ، ئوبلاستنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ 100 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ، ئاپتونوم رايون مەركەز ، دۆلەت تارماقلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە–شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ 18 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاشقان .

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاجىكئاۋات بازىرى داۋلەيتېد كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ، قوشۇمچە كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نابلاش خوجاخۇن قاتتىق تەسىرلەندى . ئۇ مۇخبىرغا بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان ئەمىن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدەك ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى . ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : تاشقورغان ناھىيەسىدە ئىلگىرى تۈزۈكرەك دوختۇرخانىمۇ يوق بولۇپ ، پۇقرالار كىچىككىنە كېسەل بولۇپ قالسا بەرداشلىق بېرەتتى ياكى يەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالايتتى ، ئېغىرراق ئاغرىقلار پەقەت قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتەلەيتتى ، كېسەل كۆرسىتىش بەكمۇ قولايسىز ئىدى . ھازىر تاشقورغان ناھىيەسىدە ئەسلىھەلىرى ياخشى دوختۇرخانىلار قۇرۇلۇپ ، پۇقرالارنىڭ ئۆز جايىدا تۇرۇپ كېسەل كۆرسىتەلمەسلىك مەسىلىسى ھەل بولدى ، پۇقرالار ئەمدى كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى .

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، لوپنۇر ناھىيە گۈلباغ يېزا ئاقچىكە كەنتىدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ياسىن تۇرسۇن : بۇ بىر نەچچە يىلدا يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى زور بولدى ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 60 ~ 70 پىرسەنت ئائىلىلىك يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى . دېھقانلار خۇشال ھالدا : ‹‹ ھازىر سىياسەت بەك ياخشى ، توي قىلغاندا تولۇقلىما بەرمىگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، نېمىلا ئىش قىلساق تولۇقلىما بېرىدۇ ›› دېيىشىدۇ ، دېدى .

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ پىڭئەن شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىدىن قاتتىق ھاياجانلاندى . ئۇ مۇنداق دېدى : شىنجاڭدا ھەر يىلى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ ، مەسىلەن ، 2012-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ‹‹كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش ›› قۇرۇلۇشى شەھەر رايونىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى . ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سېلىنمىسىنى زورايتتى ، يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى .

  جياڭ پىڭئەن مۇنداق تەكلىپ بەردى : تەرەققىيات جەريانىدا ، كارخانىلار مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ ، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش كېرەك . ئەمىن ئولتۇراقلاشتۇرۇش جەھەتتە ، دۆلەتنىڭ يەنە يۆلەش سالمىقىنى زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى پەرھات ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى : يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش بولۇپ ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى ، ئەمما ، يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا ، مەسىلەن ، مائارىپ جەھەتتە ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستتىكى نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش مەسىلىسى ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ، ئىشلىتىش ۋە تۇرمۇش، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار خىراجەت ئاجرىتىپ يۆلەشكە مۇھتاج . بۇنىڭدىن باشقا ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش ، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىلىرى تېخى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل بولغىنى يوق .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}