باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلدى

2013.03.08 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

  سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى، ئالتە نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە توختالدى.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي باشلىقى لى يىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، ئەمما بۇ يىل ئېلىمىزدە يەنىلا باھا ئۆرلەش بېسىمى بار.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ پەخرىي باشلىقى لىن يىفۇ ئوتتۇراھال كىرىم قىلتىقى ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: داۋاملىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شىۋېن شەھەر بازارلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يەنىلا ئۈچ گەۋدىلىك مەسىلە بار، بىرىنچى، شەھەرلەرنىڭ پىلانى، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش ناچار بولۇپ، نۇرغۇن بايلىق ۋە ئېنېرگىيەنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىككىنچى، نوپۇسنىڭ شەھەر بازارلىشىشى كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قالدى، مۇتلەق كۆپ قىسىم دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەر ئاھالىلىرى سالاھىيىتىگە ئېرىشمىدى، ئۈچىنچى، شەھەرلەرنىڭ كېڭىيىشى ناھايىتى تېز، شەھەر بىلەن شەھەر، شەھەر بىلەن شەھەر بازار ئوتتۇرىسىدىكى سىستېما ۋە ئىقتىدار ئېنىق ئەمەس، ناھايىتى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئىقتىدارى بىرى بىرىنى تولۇقلىيالمايدۇ.

  چېن شىۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قول سالىدىغان، دەخلى تەرز قىلىدىغان جەريان قىلىۋالماسلىق، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، كەلگۈسى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى لى يىجوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قىسىمەن كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش مۇرەسسەسىز پاكىت، بۇ ساھەدىكىلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىشقا كىرىشىش نىسبىتى%75 دىن تۆۋەنلىرى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشكە كىرىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەسىپلەر بويىچە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تۈپتىن تۈزەش بىلەن يۈزەكى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈپتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش چارىسىنى قوللىنىش كېرەك.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ يىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىزدە رايونلارنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلدى، ئەمما رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەرق يەنىلا بىر قەدەر چوڭ، قانداق قىلىپ رايونلارنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟دۇ يىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: پەرقنى كىچىكلىتىشتە ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا ئالاھىدە ئۈستۈنلىككە ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى رايونلار ئوتتۇرىسىدا ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي سىستېمىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئامىللارنى يۆتكەپ، بىرقەدەر ئۈستۈنلىككە ئىگە قىلىش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ بىرقەدەر ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، تورت چوڭايغاندىن كېيىن شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار غەربىي رايونلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللىيالايدۇ.

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جيا جىباڭ گۈزەل جۇڭگو ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا ئادەم ۋە تەبىئەت ئىناق بىللە تۇرۇشى، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئورمانچىلىق ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش، نەم يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇملۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تۈزەش ۋە ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، مانا بۇلارنى ياخشى قىلغاندا ئاندىن يەر شارىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، ئىنسانلار يەر شارىدا مەڭگۈ ياشاپ، تەرەققىي قىلىدۇ، مانا بۇ بىز ئىنتىلگەن گۈزەل جۇڭگو.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە