باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن: ئامېرىكا يادرو ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياقسا ئەجەللىك زەربە بېرىمىز

2013.03.08 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا يادرو ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى تۇتاشتۇرسا، چاۋشيەن ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلەر دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا يادرو قورالى ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئەجەللىك زەربە بېرىشكە ھوقۇقلۇق دېدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ باياناتچىسى 5-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا يادرو ئۇرۇشى مانىۋېرىنى باشلىغان 11-مارتتىن ئېتىبارەن «چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» پۈتۈنلەي كۈچىدىن قالىدۇ، بۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ چاۋشيەن ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ چەكلىمىسىگە تامامەن ئۇچرىماي، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا بولىدۇ دېگەنلىك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە