باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ماي ئايال تۆھپىكارلار مۇكاپاتى تارقىتىلدى

2013.03.08 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 6-مارت بېيجىڭدا مەملىكەتلىك 1-ماي ئايال تۆھپىكارلار مۇكاپاتى، مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەرنى تەقدىرلىدى ھەم ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى دېگەن نام ۋە مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالىنى بەردى.

  بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى مۇلازىمەت مەركىزى شىڭخۇا كوچا ئۇچاستىكىسى قاتارلىق ئون كوللېكتىپ مەملىكەتلىك 1-ماي ئايال تۆھپىكارلار مۇكاپاتىغا، لى شياۋيىڭ قاتارلىق ئون شەخس مەملىكەتلىك 1-ماي ئايال تۆھپىكارلار مېدالىغا ئېرىشتى. پايتەخت ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي باشقارمىسى قاتارلىق 1184 كوللېكتىپ ۋە دىڭ يىڭ قاتارلىق 1191 شەخس ئايرىم-ئايرىم مەملىكەتلىك 1-ماي ئايال تۆھپىكارلار ئۈلگىلىك ئورنى ۋە مەملىكەتلىك 1-ماي ئايال تۆھپىكارلار ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنى 137 مىليونغا يېتىپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %42.7 نى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە