باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن مادۇرو ئىزباسار بولالامدۇ؟(1)

2013.03.07 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 5- مارت پىرزىدېنت چاۋىسنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ «ئۆلمەس قۇش» دەپ تەرىپلەنگەن ۋېنېسۇئېلا رەھبىرى خېلى بەس مۇنازىرىلىق شەخس. ئۇنىڭ قەھرىمان ياكى ئۇچىغا چىققان ئۆكتەم ۋە شۆھرەتپەرەس ئادەم ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى چاۋىس دەۋرى يېتىپ كەلدى.

  ۋېنېسۇئېلا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن،چاۋىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن قايتىدىن پىرزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلامدا ھازىرقى مۇئاۋىن پىرزىدېنت چاۋىسنىڭ ئىز باسارى مادۇرو پىرزىدېنت بولامدۇ ياكى ئۆكتىچىلەرگە دۆلەتنىڭ يېڭى ئىشىكىنى ئېچىپ بېرەمدۇ؟ ھاكىمىيەتنىڭ يەڭگۈشلىنىشى ئوڭۇشلۇق بولامدۇ يوق؟ بۇنىڭدىن كېيىن ۋېنېسوئېلادىن ئىبارەت لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بۇ تىز پويىز قايسى يۆنىلىشنى تاللايدۇ؟

  چاۋىس ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون نەچچە يىلدا چاۋىس سايلام، ئومۇم خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتا كۆپ قېتىم غەلبە قىلدى. بۇنىڭدىن ئۇنى خەلق قوللايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا مادۇرونىڭ پىرزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قازىنىش نىسبىتى يۇقىرىدەك قىلىدۇ.

  چاۋىس ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ۋېنېسۇئېلا ئۆكتىچىلىرى كۆپ يىل باش كۆتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان غەربنىڭ تۈرتكىسىدە باش كۆتۈردى. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىكى سايلامدا چاۋىس %54.42 ئاۋازغا ئېرىشتى، ئۆكتىچى پارتىيە نامزاتى كافۇرىلىيىس %44.97 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى تىز سۈرئەتتە ئاشتى. بۇ يېڭى سايلام نەتىجىسىگە يېڭى ئۇقۇم قوشتى.

  دىپلوماتىيە جەھەتتە،ئۆكتىچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئامېرىكا باشتىن ئاخىر ئاچقۇچلۇق دۆلەت بولدى. چاۋىس ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئامېرىكىغا قارشى تۇرغۇچى. چاۋىس ھۆكۈمىتىنىڭ ئاڭ فورماتسىيەسى، سىياسىي مەيدانى ئامېرىكا بىلەن زىت. ئۇ كۆپ قېتىم ئاممىۋى سورۇنلاردا ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىنى تەنقىدلىدى ھەمدە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىق جىددىيلەشتى.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە