باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.08 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

7-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جياڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار 7-مارت كۈشتىن بۇرۇن ئايرىم ئايرىم 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر چۇڭچىڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بەس-بەستە سۆز قىلدى، جاڭ گاۋلى ۋەكىللەر بىلەن پات-پات پىكىر ئالماشتۇردى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايوننى بىر تۇتاش پىلانلاش، جەنۇب بىلەن شىمالنى ماسلاشتۇرۇش-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى دەرىجىسىنى يېتىشتۈرۈپ، رايون تەرەققىيات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش لازىم. جاڭ گاۋلى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ غەربىي رايوندا ئالدى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}