خەلق تورىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن، جەنۇبى جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىىرىدا تېمپىراتۇرا 25 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا. شىمالىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھۆل-يېغىن ئازلاپ، تېمپىراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن. كەلگۈسى ئىككى كۈندە، غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمى، خۇاڭخېنىڭ شىمالى قاتارلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېقىنلىشىشى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنكەن.
يەنە بىر جەھەتتىن، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 8-مارت يەنە بىر قېتىم يېتىپ كېلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 8-مارتتىن 10-مارتقىچە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنى ۋە شىمالىي رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا 6-10 گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، گەنسۇنىڭ غەربىي، نىڭشيا، شەنشىنىڭ شىمالىي رايونى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمى، سەنشىنىڭ شىمالىي قىسىمى قاتارلىق جايلاردا قۇم توپىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمى، گەنسۇنىڭ غەربىي قىسىمىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم بورىنى چىقىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى