باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ۋەكىل، يېڭى ئەزا، يېڭى ئۈمىد (1)

2013.03.07 15:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق 60 ۋەكىل ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 32 ئەزاسى ئىچىدە، يېڭىدىن سايلانغان ۋەكىل 40 نەچچە، يېڭىدىن كۆرسىتىلگەن ئەزا 18 بولۇپ، يېڭى ۋەكىل ۋە يېڭى ئەزا يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يېڭى ۋەكىل، يېڭى ئەزالار مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ يېڭى ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن كەلگەن، شۇنداقلا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنىڭ پۇختا ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئېلىپ كەلگەن.

  رولىنى جارى قىلدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم تاشلاش
  يېڭى ۋەكىللەر يىغىندا قانداق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ياخشى چارە – تەدبىر كۆرسىتەلەيدۇ؟

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاجىك ئابات بازىرى دەۋلەتتىدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەكىل نابلاشاھ غوجاخۇن 28 يىللىق ‹‹كەنت ئەمەلدارى››لىق تارىخىغا ئىگە ئاساسىي قاتلام كادىرى. ئۇ 2000 – يىلىدىن باشلاپ ئېگىزلىكتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىن تۈزلەڭلىككە كۆچۈرۈلۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان چارۋىچىلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، يۇرتداشلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹<ئىككى يىغىن>غا قاتنىشىش جەريانىدا چەت، يىراق، نامرات رايوندىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن››.

  1 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ جىمىنەي ناھىيە بازىرىدا ئۆزگىچە قازاق رېستورانى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتقان يېڭى ۋەكىل باقدانگۈل زات مۇنداق دېدى: ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، يۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىم مەندىن پەخىرلەندى، ئۆزۈممۇ مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن 30 مىڭدىن ئارتۇق يۇرتدىشىمنىڭ مۇھىم ھاۋالىسىنى ئېلىپلا كەلمەستىن، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئايال قېرىنداشلىرىمنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىمەن››. ئۇ يېڭى ۋەكىل بولسىمۇ، تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم باسقان بولۇپ، تېخىمۇ لاياقەتلىك خەلق ۋەكىلى بولۇشقا قاراپ تىرىشماقتا.

  چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا باغلانغان رىشتە
  چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟ قانداق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدە ياخشىلاشقا تېگىشلىك يەنە قانداق تەرەپلەر بار؟ سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن كۆرستىلگەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيە، سۆزلىرىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە روشەن يەرلىك خاسلىق گەۋدىلەندى.

  يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتتىق، يۇمشاق دېتال سەۋىيەسى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ داۋالاش، تېببى دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئەزا ئىرزات زادا مۇنداق دېدى: ‹‹يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، داۋالاش ئىسلاھاتى ۋە يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى جەزمەن پۈتكۈل جەمئىيەت دېققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقىغا ئايلىنىدۇ››.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە