باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولىدىكى تۈنجى دۆلەت ھالقىپ ئىلتىماس قىلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار نۇقتىسى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىكى ئالتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىسى تاللاندى

2013.03.07 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-مارت، دۆلەت مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى 22 ئورۇننى يىپەك يولى دۆلەت ھالقىغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئالتە جاي كىرگۈزۈلگەن.

  6-مارت، شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ تاۋ مۇنداق دېدى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار نۇقتىسى، «يىپەك يولى دۆلەت ھالقىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىنغان دۇنيا مەدەنىي يادىكارلىقلىرى خىزمىتى»دىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى بېكىتىلگەن ئاخىرقى تىزىملىك.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار تىزىملىكىدە، خېنەن ئۆلكىسىدىن تۆت ئورۇن، شەنشى ئۆلكىسىدىن يەتتە ئورۇن، گەنسۇ ئۆلكىسىدىن بەش ئورۇن بار ئىكەن. شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگىنى «ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول، قىزىل قاغا تۇراسى، قىزىل مىڭ ئۆي، سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، بېشبالىق قەدەمىي شەھەر خارابىسى» قاتارلىقلار بار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە