باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شياڭگاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇ يىل شىنجاڭدىن يەنە داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن

2013.03.07 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار دىققەت، 2013-يىلى شىياڭگاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭدىن داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شياڭگاڭ چىنخۇي ئۇنىۋېرسىتىتى، لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتىتى، شياڭگاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى، شياڭگاڭ تەبىئىي پەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتىتى، شياڭگاڭ پەن ـ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، شياڭگاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، جۇخەي ئىنىستىتۇتى، شياڭگاڭ گۇڭكەي ئۇنىۋېرسىتىتى، شياڭگاڭ شۇرېن ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق شياڭگاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇ يىل رايونىمىزدىن داۋاملىق تۈردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئولى مۇنداق دېدى، بۇ مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzs.edu.cn) ياكى مەكتەپ تور بەتلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى، ئىمتىھان بېرىش تەرتىپ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە