باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىشقەدەم ئەزا دائىمىك دىۋانا بەش يىلدا 74 تەكلىپ ئېلىپ كەلدى

2013.03.07 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. قاڭشارلىق، ئورا كۆزلۈك، بېشىغا دوپپا كىيگەن، مىللىيچە گالىستۈك تاقىغان ئەزا دائىمىك دىۋانا ئەزالارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىدا مۇخبىر بىلەن ئۇچراشتى.

  «بېيجىڭغا يۇرتتىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم» دېدى دائىمىك ئانچە راۋان بولمىغان خەنزۇ تىلىدا. مۇخبىر بىلەن تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ بىر شىنجاڭلىق خىزمەتچى خادىمنى تەرجىمانلىققا چاقىردى. مۇخبىر دائىمىكنىڭ شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شۇ جايدىكى مال-چارۋا پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى بىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ يۇرتىدىن 74 پىكىر تەكلىپ ئېلىپ كەلدى، تەكلىپنىڭ مەزمۇنى شۇ جاينىڭ يېزائىگىلىكى، قاتنىشى، مائارىپى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 22سى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان ياكى بىر تەرەپ قىلىنماقچى بولغان تەكلىپلەر.

  2011-يىلى ئۇ قەشقەر ۋىلايتىدىكى 784مىڭ 500 يېزا نوپۇسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ۋە 350 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇيىنى ئۆيلەرگىچە يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ مەسىلىلەر ناھايىتى تېزلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتى. 2012-يىلى، قەشقەر ۋىلايىتدىكى مائارىپ مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دېققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە دۆلەت مائارىپ تارماقلىرى قەشقەرگە مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  بۇ يىل دائىمىك ئېلىپ كەلگەن 7 تەكلىپ ئىچىدە، يەكەندىن تاشقورغانغا بارىدىغان تاشيولنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈر تەكلىپى بار. ئۇ يېنىدىكى خىزمەتچى خادىم ئارقىلىق مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ مال دوختۇرلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، دائىم يېزىلارغا بېرىپ، چارۋا ماللارنى داۋالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يەر كەڭ، ئادەم ئاز، قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن، دائىم 3 سائەت ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ، يەنە 8 سائەت ئاتلىق مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بىر كۈن يول ئۈستىدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھەر يىلى ئون قېتىمغا يېقىن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. قاتناش مەسلىسىنىڭ ياخشىلىنىشى شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر كۈچى، ئەشيا ئوبروتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كۆپ جەھەتلەرگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

  زىيارەت جەريانىدا، دائىمىك كۆلۈپ تۇرۇپ، مۇخبىرنى شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن جىگدىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. مۇخبىر ئۇنىڭ گالىستۈكىغا قىزىقىپ قالدى، خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى بۇ گالىستۈكنى ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىغا ئاتاپ ئۆز قولى بىلەن كەشتىلىگەن ئىكەن.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}