جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، ۋۇ باڭگو، جيا چىڭلىن، لى كېچياڭ، يۈ جىڭشىڭ، ليۈ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى.
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىلى 2987، ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 2965، 22 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا يەتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىسى جەمئىي بەش.