باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ۋەكىل، يېڭى ئەزا، يېڭى ئۈمىد (2)

2013.03.07 15:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىر – بىرىگە سىڭىپ كەتكەن، ئالماشتۇرۇلغان رايون، ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزا بولىيا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ساقلاش ۋە قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى مەدەنىيەتنىڭ خاس تەركىبىي قىسمى، ئەگەر ھەر قايسى تارىخىي باسقۇچلاردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ساقلىيالمىساق، شىنجاڭنىڭ گۈزەل سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ تومۇرى ئۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى قوغداشنى ھەر قايسى تەرەپلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن، ھەممە تەرەپكە قاتراۋاتىمەن››.

  شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش
  ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: ‹‹ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئارزۇسى بولىدۇ، شىنجاڭچە روھ ئۈمىد – ئارزۇلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ. مەيلى ۋەكىل، ئەزا، مەيلى ئاددىي كادىر، ئامما بولايلى، ھەممىمىز شىنجاڭچە روھنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا گۈزەللىككە ئىنتىلىتىش يولىمىزدىكى توسالغۇلار ئازلايدۇ، كۈچىمىز زورىيىدۇ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلالايمىز››.

  ئەزا گو لىنا بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچى ئاسمىنىنىڭ سۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹كەلگۈسىدە شىنجاڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، سۈيىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، تاغلىرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل، قۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ، گۈللىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تىرىشساقلا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ››.

  ۋەكىل چىن جۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۈيۈك ئىتتىپاقلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىقنىڭ ئۈمىد – ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى، ئۈمىد – ئارزۇسىغا يېتىشكە رىغبەتلەندۈردى، ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەندۈرىمىز››. 
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە