باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە مىنىستىرلىقى: بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەردە ئاۋۋال كۆرۈنۈپ كېيىن ھەق تۆلەش يولغا قويۇشتىن بۇرۇن مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ

2013.03.07 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇ نۆۋەتتە دورا باھاسىنىڭ يۈزەكى يۇقىرىلىقى ۋە دوختۇرلارنىڭ ئەمگەك قىمىتىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكى ئىسلاھات داۋامىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددى مەسىلە بولۇپ قالدى، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق قارىدى، «ئاۋۋال كۆرۈنۈپ كېيىن ھەق تۆلەش» كېڭەيتىلسە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كېسىلىنى ئاسانلا پەيدا قىلىدۇ. داۋالاش-سەھىيە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات مەنزىلى تازا ئېنىق ئەمەس.

  «ئاۋۋال كۆرۈنۈپ كېيىن ھەق تۆلەش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قارىتا خۇاڭ جيېفۇ مۇنداق دېدى، مەشغۇلاتنىڭ لايقىدا بولماسلىقى سەۋەبلىك ناھايىتى ئاسانلا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ-دە، مالىيە يۈكى زىيادە ئېغىرلايدۇ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەۋج ئالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا پۇقرالار بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق قارىدى، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەردە كېڭەيتىشكە بولىدۇ، ئەمما بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋلارغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە يولغا قويۇشتا مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. (مۇخبىر لى چيۇمىڭ،خەن شۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}