باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.07 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

6-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەنلەر 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ بەزى ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇھىت ئاسىراش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ئاساسىي قاتلام، نامرات ۋە مىللىي رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر بەس بەستە سۆز قىلىپ، تەكلىپ ماتېرىياللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇندى.

  لى كېچياڭ پات-پات سۈرۈشتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا جۇڭگودىكى رايونلار ئېلىمىزنىڭ رايون تەرەققىيات قېلىپىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتتە ھەرىكەتكە كېلىش لازىم. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسىراشنى تېخىمۇ ياخشى بېرىكتۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىق بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لى كېچياڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىككى تىپلىق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جاسارەتلىك سىناق قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم بېسىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}