باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ سچۇەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى

2013.03.07 11:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەنلەر 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ بەزى ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سچۇەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى پىكىر، تەكلىپىنى ئاڭلىدى. ۋەكىللەر بەس-بەستە سۆز قىلدى. ۋېن جياباۋ پات پات ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: مەن 10 يىل باش مىنىستىر بولدۇم، پات ئارىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىم ئاياقلىشىدۇ. بۇ يىل ئاخىرىقى بىر قېتىم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردىم. بۇ يىل كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغىلى، كۆپچىلىك بىلەن خۇشلاشقىلى كەلدىم. بۇ 10 يىل ئېلىمىز تەرەققىيات تارىخى تەڭشى بولمىغان 10 يىل بولدى. خەلقنىڭ دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىگە، ئىشەنچ، جاسارەت ۋە كۈچ بەرگەنلىكىگە ناھايىتى مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ھەم قەدىرلەيمەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆزۈمگە بۇشاشماستىن تىرشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئىسلاھات ئىچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىنى تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنى تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى بىكىتكەن ئىدىم، خەلقنىڭ ئۈمىدى بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ كۆرەش نىشانىمىز. بىزنىڭ بارلىقىمىز خەلق ئۈچۈن. خەلق رازى بولدىمۇ-يوق، خەلق خۇشال بولدىمۇ يوق، خەلق قوللىدىمۇ يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بارلىق خىزمىتىمىزنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەم. بۇ يىللاردىن بۇيان، ئەگەر خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلدىم دىسەم، ئۇ بولسىمۇ خەلقنىڭ ئىشەنچى، چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنىڭ نەتىجىسى، ھەممىسى خەلققە مەنسۈپ. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى. ئەگەر بەزى خىزمەتلەرنى ياخشى قىلالمىدىم دېسەم، بۇ مېنىڭ ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىك بولغانلىقىدا، خەلقنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن كېيىنكىلەرنىڭ مېنىڭدىنمۇ ياخشى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن پىنسىيەگە چىقىش ئالدىدا، خەلققە چوڭقۇر ئېتىرام ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا، خەلقنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}