باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۇ جېڭشېڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.08 09:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

7-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى بىرىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى يۇ جېڭشېڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى..
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جياڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار 7-مارت كۈشتىن بۇرۇن ئايرىم ئايرىم 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى بىرىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى يۇ جېڭشېڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرىلىك ئىلگىرلەش ۋە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئومۇمىي قىياپىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، يۇ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز توپلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}