باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەزا چېن چى: شىنجاڭنىڭ ماددىي ئەشيا ئېكسپورتىنى ۋاگون بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى ئاشۇرۇلسا

چېن فىڭ

2013.03.08 08:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارقا كۆرۈنۈش: تۆمۈر يول تىرانسپورتى شىنجاڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، شىنجاڭ تۆمۈر يول تۈرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بولۇپ، ئىچكىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تىرانسپورت كۈچى بايلىقى ناچار ئەھۋالدا تۇرىدۇ. ھالبۇكى، ۋاگون ئومۇمىي مىقدارى يېتىشمەسلىك شىنجاڭدىن چىقىرىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنىڭ جىددىي بولۇشىدىكى ‹‹بوغما ھالەت›› بولۇپ قالدى. مەيلى لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ شەرقتىكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يۆنىلىشى بولسۇن، مەيلى لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربتىكى ئالاتاۋ پورتى يۆنىلىشى بولسۇن، تىرانسپورتتا ‹‹ئىككىلىسى توسۇلۇش›› ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

  تەكلىپ: شىنجاڭنىڭ تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول ئارقىلىق ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش پىلان كۆرسەتكۈچى، بولۇپمۇ خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە شىنجاڭدا ۋاگونغا قاچىلاش پىلان كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇش ھەم پاراۋوز، ۋاگون، پورتقا كىرىدىغان پويىزلارغا چەك قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلسە. جىڭ – غۇلجا – قورغاس تۆمۈريولىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىش جەھەتتىكى رولى كۈچەيتىلىپ، 2015 – يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئېكسپورت كارخانىلىرىنى ۋاگون بىلەن تەمىنلەشتىكى ئېكسپورت ۋاگون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %50تىن ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.

  ئۇنىڭدىن باشقا، غەربكە چىقىرىش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ئىلگىرى سۈرۈلسە. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شىنجاڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، تىرانسپورت سىياسىتى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سىياسىتى، قورغاس پورتىدىن قازاقىستان تۆمۈريولىدا توشۇش لايىھەسى ۋە تىرانسپورت ھەققى ئۆلچىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىككىنچى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى غەربكە چىقىش يولىنىڭ راۋان بولماسلىقىدەك قىيىن مەسىلە تېز ھەل قىلىنىپ، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى غەربكە ئېكسپورت قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلسە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە