باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

بەكرى مامۇت: ئەسىلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

2013.03.07 15:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىسىغا بولغان تېزلىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۈچتە يۇقىرى يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، خېيىم-خەتىرى يۇقىرى يېزا ئىگىلىكى سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، مۇستەھكەم بولغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى خېيىم-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.›› مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، پىچان ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەكرى مامۇت تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شۇنداق دېدى.

  شىنجاڭدا ئەسلھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جۇغراپىيەلىك، كىلىمات، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئېتىبار بېرىش، يۆلەش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتتى. مەسىلەن، ھالقىما رايوندىن ھالقىغان سودا، كۆكتات تىراسپورتى مالىيە تولۇقلىمىسى، كونا-يېڭى پارنىكلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تۈرى تولۇقلىمىسى قاتارلىقلار، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپچانلىقى يىلمۇ-يىل يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كۆلىمى بىر مىليون 30 مىڭ مودىن ئارتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا ئاساسەن، 2015-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كۆلىمىنى بىر مىليون 500 مىڭ موغا يەتكۈزۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي مىقدارى بەش مىليون توننىغا يەتكۈزۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن كەلگەن ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 1000 يۈەندىن ئاشۇرۇش نىشانلانغان بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. پۈتۈن شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2009-يىلىدىن بېرى، تۇرپان ۋىلايىتى كۈن نۇرلۇق پارنىكنى ئاساس قىلغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىمۇ تەرەققىياتقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}