باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.08 09:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

7-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچياڭ گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جياڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم ئايرىم 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچياڭ گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر تەرەققىيات، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ، داۋالاش قاتارلىقلار ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى، لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ھەمدە ئىلگىرى بارغان گۈيياڭ شەھىرىنىڭ كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى سوراپ، چوقۇم ئادىل تەقسىم قىلىشنى تاپىلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: غەربىي رايونلار تەرەققىي قىلسا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات قېلىپىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. گۈيجۇ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشى، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن تەرەققىيات شەكلىدە ئۆزگىرىش ياسىشى، كەسىپتە ئۆزگىرىش ياساشتا مۇھىت ئۆلچىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، سىلەر ئېيتقاندەك ئەڭ گۈزەل گۈيجۇنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. يۇقىرى ساپالىق ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق تىپتە ئۆزگىرىش ياساش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. دېھقانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاپ، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. لى كېچياڭ گۈيجۇ تەرەققىيات ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە تەڭ ھالقىپ، خەلقنى بېيىش يولىغا باشلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}