باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.07 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

6-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن تۇرۇشلۇق بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن ئۆزى تۇرۇشلۇق بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ چىشەن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى پارتىيەنىڭ ھايات ماماتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇنى پۈتۈن پارتىيە بىرلىكتە تۇتۇشى كېرەك، سىياسىي ئىنتىزام پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىنتىزامى، لېبېرالىزم سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ مەنبىيى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى، تەشكىلىي ئىنتىزامىغا قاتتىق رائىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قوغداپ، مەركەزنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم، ناتوغرا ئىستىل چىرىكلىكنىڭ بۆشىكى، شەكىلۋازلىق، بىيوكراتلىق، راھەتپەرەسلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم.

 ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنى چىقىرىپ، ئۆزىدىن باشلاپ ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ ماھايىتى ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاپالىق كۆرەش قىلىش. 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزگە قويۇلغان سىناق، 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىي ماھايىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشتە رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى باشلامچى، ئۈلگە بولۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم، ئىستىلنى ياخشىلاشتا ئەستايىدىل تۇتۇش، ئۇزاق مۇددەت تۇتۇش، چىڭ تۇتۇش، بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق، قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تەتقىق قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، قاتتىق تۈزۈم ۋە قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}