باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاۋىسنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

2013.03.07 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭ 6-مارت ۋېنېسۇئېلا بولىۋار جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى ھيۇگو رافائىل چاۋىس فىرىياسنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى مادۇروغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، زۇڭتۇڭ چاۋىسنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، مۇۋەققەت پىرېزىدېنت مادۇرو، ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەم پىرېزىدېنت چاۋىسنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: پىرېزىدېنت چاۋىس- ۋېنېسۇئېلانىڭ ئۇلۇغ سىياسىيونى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇ ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت يارىتىپ، ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. پىرېزىدېنت چاۋىس-جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ دوستى، ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ۋېنېسۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋېنېسۇئېلا بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تېرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە