باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

ئوۋياڭ چاڭلىن : گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا گۈزەل شىنجاڭ كەم بولسا بولمايدۇ

2013.03.07 15:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مۇخبىرىمىز خۇنەن رادىئو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئوۋياڭ چاڭلىننى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا كۆپ قېتىم كەلگەن ھەم شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھەببىتى چوڭقۇر ئوۋياڭ چاڭلىن، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا گۈزەل شىنجاڭ كەم بولسا بولمايدۇ، دېدى.

  بۇيىل 61 ياشقا كىرگەن ئوۋياڭ چاڭلىن 30 يىلدىن كۆپرەك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئاخبارات خەۋەرچىلىكىدىن كۆڭۈل ئېچىشكە يۈزلىنىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى، ئۇ خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىگە مەسئۇل بولغان 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ماركىسى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، ئېلان كىرىمى 200 مىليون يۈەندىن 2 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كەلگەچكە، شىنجاڭنىڭ مېزىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ئۇنىڭدا گۈزەل، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ گۈزەل جاي، شىنجاڭنىڭ مېۋە- چىۋىلىرى بەك ياخشى، شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتىم چوڭقۇر، بۇ بىر قانچە يىلدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، خۇنەن خەلقى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىشلىرى قالتىس بولۇۋاتىدۇ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنتايىن ئاددىي- ساددا، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتىكى يوشۇرۇن كۈچى زور، شۇڭا، سىياسەت جەھەتتە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش كېرەك، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا گۈزەل شىنجاڭ كەم بولسا بولمايدۇ.

  ئوۋياڭ چاڭلىن بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ قاتناش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلار تەرەپتە سالماقنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىچكىرى بىلەن بولغان پەرقنى تېزدىن كىچىكلىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ، مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھازىر يەنىلا مۇنبەت ماكان، سۇ سۈپىتى بۇلغانمىغان، شىنجاڭلىقلار بۇنى ئوبدان قوغدىشى كېرەك، شىنجاڭدا قاتناش مەسىلىسى زور مەسىلە، ئۇل قاتنىشى ئىنتايىن مۇھىم، شىنجاڭنىڭ ئوبدان نەرسىلىرى ئىچكىرىدە كەم ئۇچرايدۇ، شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل، كۆپ قىرلىق ئىختىساسلىقلار يېتىشمەيدۇ، ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}