باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

2013.03.07 11:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەنلەر 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ بەزى ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش، پۇقراۋى ئىقتىسادنى كۈچلۈك راۋاجلاندۇرۇش، ناھىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار ھەققىدە ئاكتىپ سۆز قىلدى، يىغىن مەيدانىدىكى مۇزاكىرە قىلىش، ئالماشتۇرۇش كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

  ليۇ يۈنشەن باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى تولۇق قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا، ئۆتكەن بەش يىلدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قالتىس نەتىجىلەرنىڭ يارىتىلغانلىقى تەكىتلەندى، دوكلاتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-بىزدىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا داۋاملىق تېرىشىپ ئالغا بېسىپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىمىزگە ئىشەنگەندىلا، ئاندىن ئاڭلىقلىق بولىدۇ، ئاڭلىقلىق ئۆزىمىزگە ئىشىنىشنىڭ ئاساسى. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي قوللىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە بولغان ئاڭلىقلىقتا چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش-جاپالىق ئىزدىنىش، غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشىش جەريانى، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا-تەرەققىيات، ئىسلاھات، كۈرەشكە تايىنىش. بىز ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىمىز تەرەققىيات، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىزمۇ تەرەققىيات، تەرەققىيات-بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. تەرەققىياتتىن ئىبارەت قاتتىق قائىدىنى باشتىن-ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تېرىشىپ تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئىسلاھات بولمىسا، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولمايدۇ، كەلگۈسى تەرەققىياتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، قولغا كەلگەن نەتىجىلەردىنمۇ قۇرۇق قالىدىغان گەپ. تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى توختىتىپ قويماي، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېنېرگىيەنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}