باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.07 11:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

6-مارت,جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەنلەر 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ بەزى ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى.

  6-مارت,جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن جېڭگاۋ، چېن خەيبو، لى ۋەنسەي، جاڭ ۋېنچېڭ، شياڭ شياۋيۈن، ۋاڭ جىندى، گېڭ خۇڭچېن، جاڭ گۇاڭنىڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، لياۋنىڭ كونا سانائەت بازىسىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىش، لياۋنىڭنىڭ دېڭىز بويى ئىقتىسادىي رايونلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە خاتىرىلىدى، پات-پات ئەھۋال سورىدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى كۆرەلەيدىغان، بىلەلەيدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىش لازىم. لېي فېڭ، گو مىڭيى، لوياڭلارنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادى، كەڭ قورساقلىقى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، ئىلگىرىلەش جاسارىتى بىزنىڭ مىلللىي روھىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كارتىنىسى. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}