- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىن لادېننىڭ كۈيئوغلى تۇتۇلدى
2013.03.08 15:36 مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئالدىنقى ھەپتە ئىئوردانىيەدە بىن لادېننىڭ كۈيئوغلى، قوشۇمچە باياناتچى SulaimanAbuGhaith نى تۇتقان ھەم ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ئاۋغۇستتا سوتلىنىدىكەن.
ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدار: «SulaimanAbuGhaith نىڭ تۇتۇلۇشى ئامېرىكىنىڭ ‹ئەلقائىدە› تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىدىكى بىر ‹ناھايىتى زور غەلىبە ›سى، ئوبامانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى مۇقىم، رەھىمسىز ۋە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتىدۇ، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ‹رەھبەر › لىرى بىردىن-بىردىن تۇتۇلىۋاتىدۇ›› دېگەن .
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، SulaimanAbuGhaith يېقىندا تۈركىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئىئوردانىيەدە تۇتۇلغان. بۇ تۈركىيەدىكى بىر تاراتقۇ ئېلان قىلغان خەۋەر بىلەن بىردەك بولۇپ، بۇ تاراتقۇنىڭ دېيىشىچە، SulaimanAbuGhaith بىر ئاي بۇرۇن ئەنقەرەدىكى بىر مېھمانسارايدا تۇتۇلغا، ئەمما ، ئۇ تۈركىيە چېگرىسىدا ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولغاچقا تۈركىيە تەرەپ ئۇنى قويۇۋەتكەن ھەم كۇۋەيتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان (چۈنكى Sulaiman Abu Ghaith ئىلگىرى كۇۋەيت پۇقراسى ئىكەن). بىراق، ئۇ 1-مارت ئىئوردانىيەدىن كۇۋەيتكە قاراپ ئۇچۇش سەپىرىدە ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، Sulaiman Abu Ghaith نۆۋەتتە نيۇ يورك مانخاتتاندا قاماپ قويۇلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە