باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جىنايى جازا تۈرىگە «بالىلارنى خورلاش جىنايىتى»نى كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى

2013.03.08 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، تيەنجىن سودا سانائەت ئىنىستىتۇتى پروفىسسورى يۈەن چۈنمىڭ قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ تاپشۇرغان تەكلىپ لايىھەسىدە، جىنايى جازا تۈرىگە «بالىلارنى خورلاش جىنايىتى»نى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.

  يۈەن چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: چەتئەلدە، «بالىلارنى خورلاش جىنايىتى» ناھايىتى ئومۇملاشقان بىر جىنايەت، نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بالىلارنى خورلاش قىلمىشى ئېغىر بولغان ھەرىكەتلەرگە قارىتا بىر قەدەر ئېنىق بولغان «بالىلارنى خورلاش جىنايىتى» جازاسى بار. دۆلىتىمىزدە بالىلارنى خورلاش جىنايىتىنىڭ كەينى ـ كەينىدىن يۈز بېرىشى ئېلىمىز قانۇنلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزدە جىنايى جازالار ئىچىدە بالىلارنى خورلاش جىنايىتى دەپ جىنايەت يوق. ئېلىمىزنىڭ جىنايى جازا قانۇنىنىڭ 260-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بالىلارنى خورلاش جىنايىتىدە كۆرسىتىلگىنى بىرلىكتە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا خورلاش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جىنايەت نامى ئائىلىلەرگىلا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەر جەمئىيەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا بولۇپمۇ بالىلارنى خورلاش قىلمىشى يۈز بەرگەندە، قانۇنىي ئاساس يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭلاشقا، جىنايى جازا قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ئىمكانقەدەر تېزرەك ئايرىم بالىلارنى خورلاش جىنايىتى تۈرىنى تەسسىس قىلىشىمىز كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە، ئېلىمىز قانۇنىدىكى «بالىلارنى خورلاش دېگەن نېمە؟»گە بەرگەن ئېنىقلىمىسى مۈجمەل، نۇرغۇن كىشىلەر بالىلارنى خورلاش جىنايىتىنىڭ چېگرىسىنى بىلمەيدۇ، شۇنداقلا كۆڭۈل ئېچىش، ھاقارەتلەش، كۆزگە ئىلماسلىق قاتارلىقلارنى بالىلارنى خورلاش قىلمىشىغا كىرىدۇ ـ دەپ قارىمايدۇ. شۇڭلاشقا، چوقۇم قانۇن تۇرغۇزۇپ «بالىلارنى خورلاش جىنايىتى»گە چېگرا بېكىتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى بار. (مۇخبىر لى چۇمىڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە