باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئالتە ئورۇن دۆلەت ھالقىغان دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىندى

2013.03.08 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئىدارىسى 4-مارت يىپەك يولىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىدىغان دۆلەت ھالقىغان 22 ئورۇننىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئالتە ئورۇن بۇنىڭغا كىردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىدىغان ئورۇنلار-يىپەك يولىدىكى دۆلەت ھالقىپ دۇنيا مىراسلىقىغا يۈرۈشلۈك ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاخىرقى ئىسىملىك.

  شىنجاڭدىن ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، قىزىلقاغا تۇرى، قىزىل مىڭئۆيى، سۇبېشى بۇددا خارابىسى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى بۇ ئىسىملىككە كىردى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىسىملىك بىلەن دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئىدارىسى 2012-يىلى ئېلان قىلغان «جۇڭگو يىپەك يولىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئىسىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭدىكى توققۇز ئورۇن ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر روشەن پەرق بار، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ قۇمتۇرا مىڭئۆيى، بەدىر داۋىنى، كىرورەن قەدىمىي شەھىرى، بېزەكلىك مىڭئۆيى بۇ ئىسىملىكتىن چىقىرىۋېتىلدى، قىزىلقاغا تۇرى يېڭىدىن قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە