يۈزچە ۋەكىل ۋە ئەزا مىكروبىلوگدا «جۇڭگو ئارزۇسى»نى بايان قىلدى
2013.03.08 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، خەلق تورى مىكرو بىلوگ سۇپىسى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە «يۈزچە ۋەكىل ۋە ئەزا جۇڭگو ئارزۇسىنى بايان قىلىدۇ» ناملىق ئالاھىدە سەھىپىنى پىلانلاپ، ۋەكىل ۋە ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.
7-چېسلا سائەت 10غا قەدەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن 108 كىشى خەلق تورىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئۆز نەزىرىدىكى «جۇڭگو ئارزۇسى»نى بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى. (مۇخبىر شياۋ شياۋ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}