- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مادۇرو قەسەم بېرىپ ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى بولدى
2013.03.09 14:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
نىكۇلاس مادۇرو
|
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى كاۋىيلو 7-مارت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مادۇرو 8-مارت كەچتە ھەربىي ئىنستىتۇتتا قەسەم بېرىپ ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى بولىدۇ ھەمدە 30 كۈندە يېڭى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
كاۋىيلو مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي 8-مارت كەچ سائەت يەتتىدە ھەربىي ئىنستىتۇتتا ئالاھىدە يىغىن ئۆتكۈزىدۇ، مادۇرو يىغىندا قەسەم بېرىپ ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى بولىدۇ.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋىسنىڭ كۇباغا ئوپېراتسىيىگە بېرىشتىن بۇرۇنقى بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، مادۇرونى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى سايلامدىكى رەسمىي پىرېزىدېنتلىق نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە